Revert to Islam, click here
ئىسلام ئال-ھەق: قۇرئان ۋە ھەدىس
(ھەقىقىي ئىسلام)



Topic - Sejarah Sifat-Sifat Nabi Muhammad Shalallahu alaihi wassalam Keistimewaan Nabi Muhammad Shalallahu alaihi wassalam Harta rampasan perang halal bagi Rasul saw.

Verse Search Results :
Total Verses : 3
1
Q.S ئەل ئەنفال (8:1)

يَسْـَٔلُوْنَكَ عَنِ الْاَنْفَالِۗ قُلِ الْاَنْفَالُ لِلّٰهِ وَالرَّسُوْلِۚ فَاتَّقُوا اللّٰهَ وَاَصْلِحُوْا ذَاتَ بَيْنِكُمْ ۖوَاَطِيْعُوا اللّٰهَ وَرَسُوْلَهٗٓ اِنْ كُنْتُمْ مُّؤْمِنِيْنَ

yas'alūnaka ‘anil-anfāl(i), qulil-anfālu lillāhi war-rasūl(i), fattaqullāha wa aṣliḥū żāta bainikum, wa aṭī‘ullāha wa rasūlahū in kuntum mu'minīn(a).

ئۇلار سەندىن (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن) ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى تەقسىم قىلىش توغرىسىدا سورىشىدۇ. «ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى (ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە) ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە خاستۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، قوشنىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاڭلار، ئەگەر ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار» دېگىن.


41
Q.S ئەل ئەنفال (8:41)

۞ وَاعْلَمُوْٓا اَنَّمَا غَنِمْتُمْ مِّنْ شَيْءٍ فَاَنَّ لِلّٰهِ خُمُسَهٗ وَلِلرَّسُوْلِ وَلِذِى الْقُرْبٰى وَالْيَتٰمٰى وَالْمَسٰكِيْنِ وَابْنِ السَّبِيْلِ اِنْ كُنْتُمْ اٰمَنْتُمْ بِاللّٰهِ وَمَآ اَنْزَلْنَا عَلٰى عَبْدِنَا يَوْمَ الْفُرْقَانِ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعٰنِۗ وَاللّٰهُ عَلٰى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ

wa‘lamū annamā ganimtum min syai'in fa anna lillāhi khumusahū wa lir-rasūli wa liżil-qurbā wal-yatāmā wal-masākīni wabnis-sabīli in kuntum āmantum billāhi wa mā anzalnā ‘alā ‘abdinā yaumal-furqāni yaumal-taqal-jam‘ān(i), wallāhu ‘alā kulli syai'in qadīr(un).

بىلىڭلاركى، سىلەر قولغا كەلتۈرگەن غەنىيمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبنى سابىلغا تەۋە. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە بىز فۇرقان كۈنىدە، يەنى ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە بەندىمىزگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نازىل قىلغان نەرسىلەرگە ئىشەنسەڭلار، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.


69
Q.S ئەل ئەنفال (8:69)

فَكُلُوْا مِمَّاغَنِمْتُمْ حَلٰلًا طَيِّبًاۖ وَّاتَّقُوا اللّٰهَ ۗاِنَّ اللّٰهَ غَفُوْرٌ رَّحِيْمٌ

fa kulū mimmā ganimtum ḥalālan ṭayyibā(n), wattaqullāh(a), innallāha gafūrur raḥīm(un).

قولغا كەلتۈرگەن غەنىيمەتلىرىڭلارنى ھالال ۋە پاكىز يېمەكلىكلەر سۈپىتىدە يەڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر.